شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىددىيىسىنىڭ تەشكىللىك ئاممىۋى ئاساسىنى بەرپا قىلىشنى، بېسىۋېلىنغان شەرقي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، كۆپ پارتىيەلىك، ھەقىقىي بىر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، خەلق سەپەرۋەر قىلىنغان، ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە، ئادالەت ۋە دىموكراتىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىدا ئورۇن ئىگەللەش مەقسىدىدە قۇرۇلغان، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى سىياسىي پارتىيە.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئۆزىگە خاس سىياسىي پارتىيەلەرگە تەشكىللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە تەشكىلى بىرلىك يارىتىپ، يېقىن پىكىرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، ياكى بىرلىشىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشلارنىڭ، رىقابەتلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. بىز بۇ رىقابەتلەرنى بىزنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ئىلمىنت دەپ قارايمىز.
☆ ب د ت بايرىقىدىن ئۈلگە ئېلىنغان زەيتۇن شېخى — بىزنىڭ ب د ت غا ئەزا، ب د ت «كىشىلىك ھوقۇق ختابنامىسى» غا ھەقىقى ھۆرمەت قىلىدىغان، مۇستەقىل، تېنچلىقپەرۋەر دۆلەت قۇرۇش نىشانىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
☆ ب د ت بايرىقىدىكى يەر شارىنىڭ ئورنىغا ئېلىنغان ۋەتىنىمىز خەرىتىسى، دۇنيانىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتىنىمىزنىڭمۇ ب د ت نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە «كىشىلىك ھوقۇق ختابنامىسى»نىڭ ئىزچىللىنىشىغا ھەقلىق ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
☆ ئۈچ يۇلتۇز، بىرىنچى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت گرىبىدىن مىراس بولۇش بىلەن يەنە تارىم، ئىلى، ئېرتىش ئۈچ دەريالىرىمىزغا، پارتىيەمىزنىڭ مۇستەقىللىق، قېرىنداشلىق، باراۋەرلىك قىممەت قارىشىمىزغا سىمىۋوللۇق قىلىدۇ.
نەجمىدىن قارلۇق 1974-يىلى تۇغۇلغان. 1988-يىلى 10-ئايدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا شەرقىي تۈركىستان ئىزچىلار تەشكىلاتىنى قۇرغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان شۇئار يېزىپ چاپلىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ يىل كېسىلىپ ئاقسۇ ئارال ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. 1991-يىلى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كۇچار ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «تاڭنۇرى»، ئاقسۇ شەھرىدە قۇرۇلغان «كۆك بۆرە» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ «شەرقىي تۈركىستان تەرەققىيات پارتىيەسى» نى قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى ئىشلىگەن ۋە نىزامنامىسىنى تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن 1992-يىلى 4-ئايدا قايتا قولغا ئېلىنىپ بەش يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تارىم، سەكسەن تام، تۇرپان كۆككۆل تۈرمىسى تۈرمىلىرىدە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان. 1997-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاساسەن كومپيۇتېر لايىھەلەش ۋە كارخانىچىلىق ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلەپ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. 2016-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ قىرغىزىستان، تۈركىيە، ھىندىستان، سىرىلانكا ئارقىلىق بېلگىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن. برۇسسېلدا ياشايدۇ.
شەۋكەت ئەلى 1949- يىلى ئاتۇشتا تۈغۈلغان. 1969- يىلى شەرقى تۈركىستان يىنىك سانائەت ئىنىستوتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تەقسىماتى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن. 1969- يىلى قەشقەردە شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى» پارتىيەسىگە ئەزابۈلۈپ كىرىپ، جەنۈبى بىيرۈ باش ئالاقىچلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1970- يىلى بىرىنچى قېتىم قۈلغا ئېلىنىپ 2 يلدىن كىيىن ئەكسىل ئىنقىلاپچى قالپاق كەيدۈرۈلۈپ نەزەر بەنتگە چىقىرىلغان ۋە1975- يىلى ئىككىنچى قېتىم قايتا قۈلغا ئېلىنىپ 1975- يىلى 10 يىللىق مۈددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ پەيزىۋات قالىغۈچ مەيدانىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان. 1985- يىلى 10 يىللىق قاماق مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىدە تىجارەت بىلەن شۈغۈلللانغان. خەۋىپ ھىس قىلغانلىقتىن 1991- يىلى ئوتتۈرا ئاسىيغا چىقىپ كىتىپ تىجارەت بىلەن شۈغۇللانغان 1998- يىلى خىتتاينىڭ ئۈزبېكىستاندىكى يۈشىرىن گۈماشتىللىىرىنىڭ ئۈزبىكىستان ئىستىخپارات خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىششى بىلەن ئۈزبىكىستان تەرەپتىن قۈلغا ئېلىنىپ تاشكەنت ۋە ئەندىجان تۈرمىللىرىدە يېتىپ ئاخىرى قىرغىزىستان جالال ئابات تۈرمىسىگە يۈتكىلىپ كىيىن قىرغىزستان بىشكەك تۈرمىسىدىن ئىقتىسادى تۈلەم بىلەن قايتىپ چىقىپ 1999- يىلى ئامىركىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق گۈۋالىق بىرىش يىغىنىغا قاتنىشىش سەۋەبى بىلەن ئامىركىغا كىلىپ سىياسى پاناھلىق ئىلتىماس سۇنۇپ تۇرۇپ قالغان. ھازىر ۋاشىڭتوندا ياشايدۈ
ئابدۇشۈكۈر سامساق 1972- يىلى تۇغۇلغان، 1989- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشقا قاتناشقان. 1993-يىلى ئاقسۇ ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىكى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارىتىلغان قارشىلىق ھەركەتلىرىگە قاتناشقان. 1998-يىلى ئاقسۇدا بومبا ياساش جەريانىدا سەپداشلىرىنىڭ بىخەستلىكى تۈپەيلىدىن بومبا پارتىلاپ كېتىپ بىر سەپدىشى قازا قىلغان. ئابدۈشۈكۈر قولى يارىلىنىپ دوستىنى دەپنە قىلىپلا قېچىشقا مەجبۇر بولغان، ئۈچ قېتىم ئىلگىرى كېيىن 75 كۈن قاماقخانىغاسولانغان بولسىمۇ قېچىپ چىقىپ بەزى يوللارنى پىيادە مىڭىپ، 1999-يىلى تىبەت -نىپال تاغلىرىدىن ھالقىپ نىپالدا سىياسى پاناھلىق تىلىگەن. كىيىن نىپالدا تۇرۇش ئىمكانى قالمىغانلىقتىن، ھىندستانغا پىيادە ئۈتۈپ، ھىندىستاندىكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغان. 2000- يىلىدىن 2005-يىلغىچە ھىندىستاندىكى UNHCR نىڭ دون بوسكو مائارىپ پروگراممىسىدا ئەنگلىزچە، I T پروگرامما تىلى ۋە ئۇردۇچە ئۆگەنگەن. 2005-يىلى شىۋتسىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ستوكھولىمغا يەرلەشكەن. 2006-يىلى مەرھۇم كۈرەش كۆسەن قۇرغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپلىقىغا سايلانغان، 2013-يىلى سايلام بىلەن شىۋتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىپ ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ھەر قاچان ئېسىدە تۇتۇش بىلەن بىللە، ۋەتەنداشلىرىمىزغا، قەرەللىك ھالدا، پاكلىق، پىداكارلىق ۋە سەمىمىيلىك بى... داۋامىنى ئوقۇڭ
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ سىياسى غايىسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى- ب د ت غا ئەزا بولغان باشقا كۆپ سانلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىنى، ئاز سانلىقلا... داۋامىنى ئوقۇڭ
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى جان- دىل بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدۇ، ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ۋاز ... داۋامىنى ئوقۇڭ