خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

يازمىلار

سېنتەبىر 17, 2021

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق توختىسۇن، قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى يۆتكەلسۇن!


ئۈچ يۈز كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشىمىزنىڭ ئاخىرقى پەللىسى بولغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ ، ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ مىللىتىمىزگە قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە قارشى تەدبىر قوللىنىشىغا ئېرىشىش ئىلتىماسىمىزنى تەكىتلەيمىز. قېرىنداشلىرىمىزنى ھالقىلىق پەيتتە بىزنىڭ بىر ئوچۇم ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەدەتكە چاقىرىمىز.

1-ئۆكتەبىر خىتتاينىڭ دۆلەت قۇرغان كۈنىدە ، بىزنىڭ خىتتايغا ھەرگىز ئەل بولمايدىغانلىقىمىزنى، قولىمىزدىن كېلىشىچە خىتايغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز بارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئىشخانىسىدىن باشلىنىپ ، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا كىچىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بېلگىيەنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى ئ‍ېتىراپ قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، لىيۇكسېمبۇرگ مەيدانىغا بارىمىز. سائەت 11 دىن سائەت 2 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا «خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى بېكىتىش ۋە خىتتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش»نى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسىمىزنى، ياۋروپا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى چەكلەش ئىلتىماسىمىزنى تەكىتلەپ نامايىش قىلىمىز. ئىككى سائەتلىك نامايىشتىن كېيىن سائەت 2 بىلەن بارلىق پائالىيەتلىرىمىز ئاخىرلىشىدۇ. .