خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

يازمىلار

سېنتەبىر 16, 2021

300 كىلومېتىرلىق پىيادە يۈرۈش نامايىشى

ئۈچ يۈز كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشىمىزنىڭ تەپسىلى كۈنتەرتىپى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە بىزگە قوشۇلۇپ سېپىمىزنى زورايتىشىنى، ھەر جەھەتتىن قولىدىن كىلىشچە دۇئا ۋە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


: تەپسىلى پائالىيەت كۈنتەرتىۋى تۆۋەندىكىچە
گوللاندىيە ، ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن دۆلەت بولغانلىقتىن، 2021 -يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 9 دا ئامستېردام دام مەيدانىدا يىغىلىپ گوللاندىيەنىڭ مەزكۇر قارار ئ‍ۈچۈن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە يالغۇز سىمىۋول خاراكتىرلىك ئېتىراپ قىلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەي قارار- قانۇنلارنى ماقۇللاپ ئەمەلى چەكلەش تەدبىرى ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىش يۈزىسىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈش بىلەن پائالىيىتىمىزنى باشلايمىز.

21-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 1-كۈنى : ئامىستېردام - - ساسسېنخېم ، 34 كىلومىتىر
22-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 2-كۈنى : ساسسېنخېم -لېيدېن ئۇنىۋېرستى- دەنھاگ (گوللاندىيە پارلامېنتى)، 24 كىلومىتىربېكەتلەر: Sassenheim Centrum – Warmond – Warmonderweg – Leiden West (langs Universiteit) – Ommedijkseweg – Wassenaar (Deijlerweg, Rijksstraatweg) – Leidsestraatweg – Bezuidenhoutsseweg – Binnenhof (Den Haag Centrum, zetel Nederlandse regering en parlement)
23-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 3-كۈنى : دەنھاگ - روتتېردام ، 24 كىلومىتىر

ئىمكان بولسا گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتپەرۋەرلىك كۆرسىتىپ ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ۋە بۇندىن كېيىن ئۈنۈملۈك قانۇنلار ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

بېكەتلەر:

Binnenhof (Den Haag Centrum) - Spui - Zieken - Bontekoekade - Rijswijkseweg - Rijswijk (Haagweg) -Ypenburg - Rijskade - Overgouwseweg - Berkel en Rodenrijs - Vesting, Kasteel - Rotterdam CS Blijdorpzijde
24-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 4-كۈنى : روتتېردام - نۇمانسدورپ ، 28 كىلومىتىر
:بېكەتلەر

Rotterdam CS Blijdorpzijde – ’s Gravendijkwal – Baden Powellaan – Maastunnel (voetgangerstunnel) – Zuidhoel – Schulpweg – Jaaginweg – Rhoon (Oever, Kleidijk, Ghijseland, Tijsjesdijk) – Havendam – pont over de Oude Maas – Oud Beijerland (Oost-Voorstraat, Koninginneweg) – Langeweg – Schenkeldijk – Numansdorp centrum
25-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 5-كۈنى : نۇمانسدورپ - روزېندال ، 28 كىلومىتىر
بېكەتلەر:

Numansdorp centrum – pont Willemstad – Steenpad – Helwijk – Oude Heijningseweg – Kwartiersedijk – Appelaarsedijk – Oud Gastel – Gastelseweg – Parklaan – Roosendaal busstation


26-سىنتەبىر

پائالىيەتنىڭ 6-كۈنى : روزېندال - كالموت ، 17 كىلومىتىر

بېكەتلەر:
Roosendaal busstation – Pres. Kennedylaan – Passenberg – Nispen – Essenseweg – Belgische grens – Essen – Oude Baan – Wildert - De Vijvers – Kalmthout station (vanaf de grens volg je de “fietsostrade” nr. 14 tot Kalmthout, een route speciaal voor fietsen)


27-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 7-كۈنى: كالموت - ئانتۋېرپېن ، 22 كىلومىتىرئىمكان بولسا فلاندېرىن ۋە ئانتۋېرپېننىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختىشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلى ياردەم پروگراممىسى تۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش.
بېكەتلەر :

Kalmthout station – Braambeslei – Georges Spelierlaan – Kapellen – Statiestraat – Argentiniëlaan – Noorderlaan – Antwerpen station (vanaf Kalmthout volg je de “fietsostrade” nr. 14 tot de rand van Antwerpen, een route speciaal voor fietsen)


28-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 8-كۈنى: ئانتۋېرپېن - خېففېن ، 22 كىلومىتىر

بېكەتلەر:
Antwerpen station – Lamorinièrestraat – Patriottenstraat – viaduct – Elisabethlaan- Prins Boudewijnlaan – Kontich (Drabstraat, Keizershoek) – Reetsestraat – Reet – Rumst – langs de Zenne - Heffen


29-سېنتەبىر
پائالىيەتنىڭ 9-كۈنى: خېففېن - بىريۇسسېل ، 29 كىلومىتىر
بېكەتلەر:

Heffen – voet/fietspad langs de Zenne tot Vilvoorde – Woluwelaan – Holstraat – Verdunstraat – Daillyplein - Ambiorixsquare - Jul merckaeet 9 (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىشخانىسى )

ئۆكتەبىرنىڭ تۇنجى كۈنى

خىتتاينىڭ دۆلەت قۇرغان كۈنىدە ، بىزنىڭ خىتتايغا ھەرگىز ئەل بولمايدىغانلىقىمىزنى، قولىمىزدىن كېلىشىچە خىتايغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز بارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئىشخانىسىدىن باشلىنىپ ، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا كىچىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بېلگىيەنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى ئ‍ېتىراپ قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، لىيۇكسېمبۇرگ مەيدانىغا بېرىش.

سائەت 11 دىن سائەت 2 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا «خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى بېكىتىش ۋە خىتتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش»نى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسىمىزنى، ياۋروپا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئىلتىماسىمىزنى تەكىتلەپ نامايىش قىلىش. ئىككى سائەتلىك نامايىشتىن كېيىن سائەت 2 بىلەن بارلىق پائالىيەتلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇش.


ئەسكەرتىش: يول جەريانىدىكى پۇت ئاسراش جابدۇقلىرى ۋە يىمەك ئىچمەك، ياتاق چىقىملىرىنى پىيادە نامايىشقا قوشۇلغان قېرىنداشلار ئ‍ۆزلىرى ئ‍ۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر پائالىيەت جەريانىدا ياكى پائالىيەتتىن كېيىن ئىقتىسادى ياردەم كەپ قالسا تەڭ تەقسىم قىلىپ چىقىملىرىنى كۆتىرىپ بېرىشىمىز مۈمكىن.