خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

يازمىلار

ئىيۇل 17, 2020

ھىندىستان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى كېرەك

ھىندىستاندىكى ئېنگلىزچە چىقىدىغان تەسىرى كۈچلۈك «يەكشەنبىلىك مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېمايىل زىيارىتنى قوبۇل قىلىپ بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم. جاۋاپلار باش بەتتە ئېلان قىلىنىپ، گېزىتنىڭ ئىككىنچى بېتىگە بېسىلىپتۇ. تەرجىمىسىنى ئورتاقلىشىنى خالىدىم..

ھىندىستان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىشى كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كاتىپى نەجمىدىن شىرىف «تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ھىندىستانغا پايدىلىق» دېدى
تەھرىر ئىلاۋىسى:
1949-يىلى خىتاي بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم زىمىنى ئىشغال قىلىپ تۇرىۋاتقان مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي پارتىيە. ئامېرىكا پرېزدېنتى ترۇمپ «2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » نى يولغان قويغاندىن كېيىن، «يەكشەنبىلىك مۇھاپىزەتچى» ، پارتىيە كاتىپى نەجمىدىن شىرىپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن بەزى ئۈزۈندىلەر:

1-سوئال: خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى تامامەن مۇستەقىل بىر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستاننى ب د ت غا ئەزا بىر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇش، ۋە پۈتۈن خەلقنى سىياسەتكە قاتنشىشقا سەپەرۋەر قىلىش تەشەببۇسىدىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى سىياسىي پارتىيەسى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشكىلات ئىچىدە دىموكراتىيەنى ئۇمۇملاشتۇرالىغان، ھازىرغىچە تامامەن ئۆز كۈچىگە تاينىپ كەلگەن، ئەزا سانى ئەڭ كۆپ سېستىمىلىق سىياسىي گۇرۇپپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇندىن كېيىن خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي كەلگۈسىدە، جۇمھۇرىيەتچى سىياسىي پارتىيەگە خاس ھالقىلىق رول ئوينىشى مۈمكىن. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، نىشانى - خىتاينىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم تەبىئىي بايلىقىنى تەشكىل قىلىپ تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل بىر جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇشتەك، كەلگۈسىدە دۇنيا ۋە رايوننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەڭپۇڭلىقىغا كۆرسىتىدىغان زور مەسىلە بولغانلىق نۇقتىسىدىن مۇھىم.

2. ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ «2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » غا ئىمزا قويدى. سىز نىمە ئۈچۈن بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم قەدەم دەپ قارايسىز؟

«2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى »، ئامېرىكا ۋە خىتايغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ئىقتىسادى گەۋدىسى ئارىسىدىكى مەسىلە بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنىڭ رايون ۋە بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىغانلىقىنى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، يەنە رايون ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىكىگە، دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئامېرىكىدىكى سانى ئۇنچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئاكتىپ زول ئالغان خىتايلارغا جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىىشى مۇقەررەر بولغان، ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى ھازىر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى كۆرىسىتىپ بېرىدىغان بىر ھالقىلىق ۋەقە. ئەگەر ياخشى مۆلچەرلەنسە ۋە تەدبىر قوللىنىلسا قانۇننىڭ زەربە ئوبېكتى بولغان خىتايغا خوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ سىتراتىگىيەلىك ئورنى گەۋدىلىنىدۇ.

3. سىزچە ھىندىستاننىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشى زۆرۈرمۇ ؟ ئەگەر زۆرۈر بولسا نىمە ئۈچۈن؟
خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتكە كىرىشى، ھىندىستان ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپلا قالماي، ھىندىستاننىڭ دۇنيادىكى دىموكراتىك كۈچلەر قاتارىدا ، دۇنيانىڭ دىموكراتىك قىممەت قارىشىنى ساقلاشقا قاتنىشىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت. ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركسىتاندا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرىنچىلىققا قارشى قانۇن ماقۇللىشى، بىر تەرەپتىن ھىندىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش يولىدا باسقان سىمىۋول خاراكتىرلىك مۇھىم بىر قەدىمى بولۇپ قالسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پۇرسەتتە، خىتاينى چەكلەش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ رايون ۋە دۇنيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىشىگە، ئامېرىكا بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىشىگە پايدىسى بار.
ھىندىستان تىبەت خەلقىگە كۆپ ياردەم قىلىپ خوشنىلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى. ھىندىستاننىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ بۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللىشى، ھىندىستاننىڭ ئادالەتكە ئاۋاز قوشىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىللە ، تىبەت مەسىلىسىدىكى سىتراتىگىيەسىنى تولۇقلايدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقى، داۋاملىق ياخشى ۋە مەسئۇليەتچان بىر سىتراتېگىيىلىك خوشنا بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بېرىپ بىزنى يېقىندىن قوللىشىنى، كەلگسىدىمۇ ھىندىستاننىڭ خىتاي تەھدىدىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا ھەمدەم بولىدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

4. نىمە ئۈچۈن سىز ۋە سىلەرنىڭ پارتىيە بىر مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى نىشان قىلدىڭلار؟ نىمىشقا خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالىمايسىلەر؟
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئىمزالانغىلى 70 يىلدىن ئاشقان تۇرۇغلۇق ، ب د ت دائىمى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ ئۆزى بېسىۋالغان تىبەت ۋە شەقىي تۈركستاندىكى بىگۇناھ خەلققە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى، دۇنيانىڭ ۋىجدانى ۋە قانۇنى ئادالەت سېستىمىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش ھىسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت، خىتايلار تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان زىمىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىمىنى ھىچقاچان خىتاي زىمىنىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئۇلار خىتاي ئەمەس، كەلگۈسىدىمۇ بولۇشنى خالىمايدۇ. خىتاي ئەزەلدىن ئۇلارغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە قانونىي سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. نۆۋەتتە، خىتايلار، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن، ھۆكۈمرانلىق سالاھىيىتىنى تېخىمۇ بەك يوقاتتى. شەرقىي تۈركستانلىقلار ۋە تىبەتلەر خىتاينىڭ ساختا، ھىلىگەر، رەزىل ئىرقچى سىياسىتى ئاستىدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك يوقلىقىنى 100% تونۇپ يەتتى. شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، يالغۇز شۇ يەردىكى خەلقلەرگە ئالەمشۇمۇل يېڭى بىر ھاياتلىق يولى بولۇپلا قالماي، ھىندىستاننى ۋە ھەتتا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا، دۇنيانىڭ ئادالەت ئۆلچىمى، كۈچ تەڭپۇڭلىقى قاتارلىق مەسىلىلىرىگە نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىجابى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

5. خىتاي ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم زىمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھىندىستان ۋە خىتاي ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشى بولىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

ھىندسىتان بىلەن خىتاي ھەر ئىككىلىسى ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە، زور نوپۇسلۇق چوڭ دۆلەت بولغانلىقتىن ، كىچىك كۆلەمدىكى زىمىن تالىشىش توقۇنۇشلىرىنىڭ ھەقىقى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى تۆۋەن. ھەم بۇ توقۇنۇش ئالدىراپ توختاپمۇ قالمايدۇ. ئەمما خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ، دۇنياغا تارقىتىۋاتقان ئىنسانى ئەخلاق چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى ئوبراز توقۇنۇشى، ئۇلارنىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىنىشىغا ۋە ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي دىپلوماتىيەسىدىكى ئورنىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىقتىسادنى دۆلەت ئارقىلىق مونوپول قىلىۋاتقان خىتايغا تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەت بولغان ھىندىستان، خىتاينىڭ پارچىلىنىشنىڭ ئۆزىنىڭ سىتراتىگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابى تەسىرىنى مۇھىم بىر سىياسىي تەدبىر سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشى كېرەك. بۇ نۆۋەتتە ئايىقى چىقمايدىغان ، ئۇششاق چېگرا مەسىلىلىرىگە باش قاتۇرغاندىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە بىۋاستە ھەل قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي تاللاش.

6. ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە بولۇپمۇ ياۋروپادا خىتايلارغا قارشى تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بىر بېسىم قىلغۇچى گۇرۇپپا بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئەيىپلىشىگە تەسىر قىلىش كۈچى بارمۇ؟

بايلىق دۆلەت تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان خىتاينىڭ، دۇنيا سودىسى ۋە نەشىر ھوقۇقى ساھەسىدىكى يالغانچىلىقى، دۇنيانىڭ تېنچلىقىغا قارشى يۆنىلىشتىكى فاشىستىك يولدا تەرەققى قىلىشى، دۇنيانىڭ دىموكراتىك قىممەت قارىشى، سودا تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئادالەت كۆرسەتكۈچىدە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى.
خىتاينىڭ، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە پارىخورلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ پەيدا قىلغان توختام ئالدامچىلىقى ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان سەلبى ئوبرازى، ۋە بۇ سەلبى ئوبرازغا يانداش ھالدا، پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان «خىتاي چۈشى» نى يولغا قويۇپ بەزى كۆرسەتكۈچلەردە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى، ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق كۈچكە ئايلىنىش غەرىزىدىن ئەندىشە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، ئامېرىكا خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتى.
ئەمما خۇددى ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە يىلدا ئامېرىكىنىڭ بىپەرۋالىغى تۈپەيلى، خىتايدەك بىر بىر فاشىست، ئىرقچى ۋە ئەخلاقسىز ھۆكۈمەت ھازىرقىدەك خورىكى يوغىناپ كەتكەنلىكىدىن، ھىندىستان ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر يېتەرلىك ساۋاق ئالمىدى.
قارىماققا ياۋروپا ئىتىپاقى، خىتاينىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ، ھىچقانداق تەدبىر قوللانماي، خىتاينىڭ داۋاملىق كۈچلىنىشىگە ياردەم بېرىپ، خىتاينىڭ غايەت زور بازىرى ئارقىلىق ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرلىكتە ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق رول ئويناپ، دۇنيانىڭ يالغۇز ئامېرىكا تەرىپىدىنلا كونترۇل قىلىنىدىغان يالغۇز قۇتۇپلۇق ھالىتىدىن ، ئامېرىكا، خىتاي، ياۋروپا ئىتىپاقى قاتارلىق كۆپ قۇتۇپلۇق ھالەتكە ئۆتمەكچى بولغاندەك تۇرىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، كۈچلۈكلەرگە بولۇشۇپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ئەنئەنىسى بويىچە، ئۇمۇمەن خىتاينىڭ قانۇنسىز ھاكىمىيىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت زىمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ‍ قىلىپ كەلگەنلىكتىن، ھىچ بولمىغاندا بۇلارغا بىر زاپاس سىتراتىگىيەلىك كۈچ سۈپىتىدە مەخپى ياردەم بېرىشنى دۋاملاشتۇرۇپ، پۇرسىتى كەلگەندە خىتاينى پارچىلاشنى دۆلەت سىتراتىگىيەسىگە كىرگۈزمىدى.
بۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ پارتىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي گۇرۇپپىلار قاتمۇ قات ئىقتىسادى قىيىنچلىق ، خادىملار قىيىنچىلىقى ئىچىدە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بىز بىرەر ھەققانىيەتچى دۆلەتنىڭ، خىتاينىڭ پارچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىقلارغا ھەققانىيەت بېرىش پىلانى ئۈچۈن ، بۇ بېسىم چۈشۈرگۈچى گۇرۇپپىلارغا مەخپى ياردەم قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كوزىر ھازىرلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز.

7. ئۇ يەردىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى» نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قانداق؟ ئۇ كامپىلاردا قانچىلىك ئادەم بار؟
«قايتا تەربىيە لاگىرلىرى» نىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ناچارلاشماقتا. ھازىر خىتايلار ئۇ يەرنى بىر مەجبۇرى ئەمگەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە بىر قىسىم كىشىلەرگە ھىچقانداق ئاساسسزلا ئېغىر جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىلەرگە يۆتكىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئېلان قىلغان نوپۇس ستاستىكىسىدا 11 مىلىيۇن 300مىڭ دەپ تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن بىر مىلىيۇن ياشقا ئېغىر قاماق جازاسى بەرگەن بولسا، يەنە نەچچە يۈزمىڭ مەجبۇرى يىتىم قىلىنغان نارەسىدە بالىلارنى ئۆ ئىچىگە ئالغان ئىككى مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەم ھازىرغىچە قاماغلىق. بۇ ئىككى ساننى قوشقاندا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 30% نوپۇسىنى ئەركىنلىكىدىن ئايرىغان بولۇپ، خىتاي نوپۇس يۆتكەش ۋە مەجبۇرى توي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنى خىتاي مىللىتنىڭ مەڭگۈزلۈك زىمىنىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.

8. پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان«ئىسلام» دۆلەتلىرى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەخلاقسىز قىلمىشىنى بر قېتىممۇ سوراپ باقمىدى. بۇنىڭغا ھەيران قالامسىز؟
پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايلار نىمىلا قىلسا چاۋاك چېلىشى ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ۋە خەلقارا سىياسىيدا خىتايغا بېقىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. ھازىرقى ئاتالمىش ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە پەقەت دىندىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ۋە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئادالەت ۋە قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقان، دىكتاتۇر شەخسىيەتچى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىنلا ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشى ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنىڭ دىن مەدەنىيەت چېگرىسى بولمايدىغانلىقىنى بىزگە چوڭقۇر تونۇتتى.

https://www.sundayguardianlive.com/news/india-support-east-turkistans-independence-china#.Xu6AZQcmPIw.facebook