خىتتايدىن قۇتۇلۇش تىرىشچانلىقىنىڭ 33-يىلىدا
نەجمىدىن قارلۇق
1988-يىلى شايار بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئىزچىلار تەشكىلاتى» قۇرۇلۇپ 9-ئاينىڭ-9-كۈنى خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق ئەقىدىسى تەكىتلەنگەن شۇئار چاپلىنىپ 3 يىل كېسىلگەندىن ھازىرغا قەدەر، تەقدىر ماڭا خىتايغا قارشى ئىنقىلاب قىلىدىغان بىر ئىسيانكار روھقا ئىگە بولۇشنىڭ كۆتىرەڭگۈلىكىنى، مۇستەھكەم بىر ئېتىقاد بىلەن تەقدىرنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ئاتا قىلدى. ئەسلىدىنلا ھەقىقى بەخت ھىس قىلدۇرىدىغىنى نەتىجىلا ئەمەس، تۇيغۇ ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ 33 يىلىدا بۇ روھ، مەن ھىس قىلغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنىڭ، باشقىلار مەمنۇن بولغان ئادىمىلىكىمنىڭ، گاھ ھاياجان ۋە گاھ ئۆزەمنى يوقىتىشنىڭ، مەن ھىس قىلغان بارلىق ھۆرمەت ۋە ئۈمىدنىڭ پۈتمەس بۇلىقى بولۇپ قالدى. ساتقىنلار ماڭا ھاقارەت قىلغان، قورقۇنچاقلار ۋە قاپاقباش بىلەرمەنلەرنىڭ ھەسەت ۋە ھەيرانلىقىغا دۇچ كەلگەن، ئۈمىدسىزلەر خىيالپەرەستلىكتە ئەيپلەشكە ئۇرۇنغان چاغلاردا، ھەتتا ۋەتەندىكى ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۈرمىدە كىشەن سۆرەپ، قېرىنداشلىرىمنىڭ بارلىق ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگىنىمدىمۇ، خىتايدىن قۇتۇلۇش كۈرىشىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى شان-شەرىپى ماڭا تەۋرەنمەس ھەققانىلىق تۇيغۇسى بېغىشلاپ كەلدى. ھەق يولدىكى ۋەتەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىمدىن كەلگەن، توغرا قىلىۋاتىمەن دىگەن ئىشەنچتىن تەسەللى تاپتىم، ھاياتىم بويى قۇرت قوڭغۇزلاردەك خۇسۇسىي تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاۋارە بولۇپ تەقدىرنىڭ سىناقلىرى بىلەن قانات تىترىتىش نېسىپ بولغان ئىنسانلارغا ئەسلا ھەۋەس قىلمىدىم.
ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، تىرىشچانلىقىم ئاز بوپ قالدى ، ۋە نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلدىم، ۋە شۇ تۈپەيلى پىلانىمدىكىدەك ياشىيالمىدىم. خاتا قىلغان چاغلىرىم بولدى. ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىكلىكى، گاھى ئادەم ياكى مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقىم، بەزىدە «ئىنقىلابنىڭ ئۆزى ئەڭ بۈيۈك ئەخلاقتۇر » سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن، پىلان ۋە شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈچۈن قىلىنغان يۇشۇرۇش ۋە يالغانچىلىقلار، ئۆزەم توغرا دەپ بىلگەن بولساممۇ كىشىلەرنىڭ ھەزم قىلىش ئىقتىدارىدىن ھالقىغان بەزى خاتا قارارلار ئېغىر خاتالىق سۈپىتىدە مېنى بەزى چۈشىنىلمەسلىكلەرگە دۇچار قىلدى. ئسىت، قايتا كەلگىلى بولسىدى...
1988-يىلى تۈرمىگە كىرگەندىلا، ھەتتاكى مەن 1-جۇمھۇرىيەتنىڭ جەڭچىسى ئىمىن مۇپتىنىڭ نەۋرىسى، قەمىردىن شىرىپنىڭ ئوغلى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زىمىندا ۋەتەننىڭ مىراسخورى بولۇپ تۇغۇلغاندىلا ھاياتىمنىڭ مۇساپىسى بەلگىلەنگەن ئىكەن. خىتايلارنىڭ مېنى ئۆز ۋەتىنىمدە ئۆتكەن كېيىنكى 28 يىلىمدا نۇقتىلىق شەخس، خەتەرلىك شەخس دەپ تامغا ئۇرۇشى، پۈتۈن پىلانلىرىمنىڭ يۈرۈشتۈرۈلىشىگە ۋە ئۆزەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈمگە زور زىيان يەتكۈزگەن، پات-پاتلا سولاق ۋە ماددى يوقىتىشلارغا دۇچ كەلگەن بولساممۇ ئەگەر ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلسە، مەن يەنىلا «ئىزچىلار تەشكىلاتى» نى قۇرغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە كەلگەن، ھاياتىمنىڭ ئاساسلىق مۇساپىسى بولغان خىتايغا قارشى بىر ئىنقىلابچى بولۇشنىڭ ھۇزۇرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن بولاتتىم. ئەلبەتتە، تېخىمۇ تىرىشىش، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇش، بەزى قېرىنداشلىرىمنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن تەپسىلى نۇقتىلاردىكى خاتالىقلىرىمدىن ساقلىنىشتا تەدبىرلىك ۋە سەبىرچان بولغان بولاتتىم.
ئۆزەمدىن مەمنۇن بولىدىغان بىر تەرىپىم بار دېيىلسە، ئۇ دەل خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق ھەركىتىنى بارلىق پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراپ كەلگەنلىكىم. ۋەتىنىم ئۈچۈن خىتايدىن قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدىنىشلىرىم، بەدەللىرىم. ئارۇزيۇمدىكىدەك جىق نەتىجەم بولمىسىمۇ، نىمە قىلشى كېرەكلىكى ئېنىق بولدى دەپ بىلىمەن. خەلقىمىزگە بولغان ئىشەنچىم ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئۈمىدىم، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكىدەك تەبىئىي ۋە قىزغىن بولمىسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ پىشىپ مۇستەھكەم ۋە ھەقىقەتەن پەرۋاسىز ھالەتكە كەلدى.مېنىڭ مىسلىسىز گۈزەل سىياسىي غايەم ۋە تەسەۋۋۇرۇمنىڭ ئەكسىچە خىتايدىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي بولغان پۈتۈن مىللىتىمىزدىكى ئىرادە ۋە ئىقتىدار يېتەرسىزلىكى، شەرق مىللەتلىرىگە خاس بولغان پىلانسىزلىق ۋە قىزىققانلىق، بوشاڭلىق ۋە ئىجراسىزلىق مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ قانچىلىك بۈيۈك ۋە قىيىن بىر يول ئىكەنلىكىنى تونۇغىنىمدا ئۇرۇشنىڭ زامانىۋى شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسىي كۈرەشنىڭ بىر سەنئەت ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ بۇ سەنئەتنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقەتەن چامىم يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلساممۇ ھىچ ۋاز كېچىش تۇيغۇسىدا بولۇپ باقمىدىم.
سىياسەت ئۇنى تەتقىق قىلمىغانلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش قورالى دىيىلىدىكەن. ئەگەر مەندىنمۇ ئىقتىدارلىق بولغان بەزىلەردەك دەسلەپتىلا چامىم يەتمەيدۇ دەپ قاراپ، جاپادىن قېچىپ، ئۆزەمنى قويۇپ باشقىلارغا باھا بېرىدىغان چاكىنا تۇرمۇشقا كىرىپ، بارلىق ئاساسى مەسلىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە مەندىن ھالقىغان يۈكسەك ئىدىيەنى تۇرغۇزماي تۇرۇپ، پۇل-پۈچەك بىلەن بىلەن ھەپىلىشىپ قۇرت قوڭغۇزلارچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان، ھاياتىمنى ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەن ئاۋارە قىلىپ ياشىغان بولسام، قەلبىمدىكى مەننىڭ تەلەپ ئۆلچەملىرى ئالدىدا، ھاياتىمنى ئۈمىدسىزلىك ۋە مەسخىرە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بولاتتىم .
مىللىتىمىزنى خار قىلغان چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش تۈگۈل، مەغلۇب بولغان دۈشمەننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىرلىك ۋە ئىقتىدارغا لايىق بولغان جاسارەتنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى مەۋجۇت جامائەت قۇرۇلمىسى ۋە ئاممىۋى يۆنىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلاش كېرەكلىكىنى، روھنى جانلاندۇرۇش، جاسارەت، پىلان، قانائەتسىزلىك ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىشنىڭ، پىداكارلىق ۋە نەتىجىنى چىقىش قىلغان سىياسىي پوزىتسىيەنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمغا تارقىتىش ئۈچۈن ھەپىلەشكىنىمدە ئەڭ رەزىل ۋاستىلەر بىلەن قارشى چىقىدىغانلارنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولىدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم.
30-يىللاردا دالاي لامانىڭ ئەنگلىيەدە ئوقۇپ كېلىپ تىبەتلەردە ئارمىيە ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى تەشببۇس قىلغۇچىلارنىڭ كۆزنى ئۇيۇپ پۇت قولىنى كېسىپ تاشلىۋەتكەنلىكىدەك بىر تارىخى پاكىتنى بىلگىنىمدىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ مىللەتنىڭ ئالدىدا نادانلىقتىنمۇ چوڭراق دۈشمەننىڭ بولمايدىغانلىقىنى، بىيۇكراتلىقنىڭ بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى توسىدىغان ئەڭ چوڭ توساق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم. بيۇكراتلار، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېلىۋاتقان مۇداپىئە ئېڭىنىڭ تەسىرىدە، بارسا كەلمەس يول بىلەن ئۆزىنىمۇ خەلقنىمۇ ئەخمەق قىلىدۇ. دۈشمەنگە ھىچقاندا تەھدىت سالالمايدىغان، ھاڭۋاقتىلىق بىلەن قەپەزنى چۆگىلەپ يۈگىرەيدىغان ئېڭى بىلەن ھازىرقى ھالەتنى ساقلاش تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاتالمىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. بۇلار ئۇلارنىڭ يېشى، ئىقتىدارى، زاماننىڭ تەسىرىدىن ئەمەس، دەل ئاخىرقى مەزگىلدىكى مانجۇ خانلىرىغا ئوخشاش ئايرۇپىلان دەۋرىدە سېپىل ئارقىلىق خانلىقنى مۇداپىئە قىلماقچى بولغانلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسسۇلىدىن ئەمەسمۇ؟
مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى، ھەرگىز غەلىبە ئېلىپ كېلەلمەيدىغان ئۆلۈك قۇرۇلمىدۇر. ئۇ ئىسلاھات ۋە بىر مەيدان ئىنقىلابقا مۇھتاج. شۇنداق ئىكەن بۇ 33 يىلدىن ئالغان خۇلاسەم نىمە بولدى؟
دۇنيادىكى مەن ئۆگەنگەن ئىنقىلابلارنى ۋە ھايات تەجرىبەمنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق ئىچكى مەسىلىلىرىمىزنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۈچ ھاسىل قىلشتىن بۇرۇنقى بىرىنچى توساق ئىكەنلىكىنى، بىزنى پىلانسىزلىق ۋە تۈگمەن چۆگىلىتىشى بىلەن خاراپ قىلىۋاتقان جەمىيەت قۇرۇلمىمىزدىكى بيۇكراتلىقتا تۈگىمەس ۋە زاپاس قاراڭغۇلۇق، نادانلىق ۋە رەزىللىك بولىدىغانلىقىنى تونۇدۇم. دىن، ئائىلە، ئىقتىسادى پائالىيەتتىن تارتىپ دوستلۇققىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ۋاپادارلىققا تۇتىشىدىغان «مېنىڭ مۇتلەق توغرا»نىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىشقا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. بارلىق جانلىقلارغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ زىددىيەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، يېڭى ۋە قارشى پىكىرلەرگە قۇلاق سالالايدىغان، ئىددىيىسى ئازاد قىلىنغان يېتەكچىلىرى بار خەلق، چوقۇم ئۆزىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ھېرىپ قالمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن مىللەتنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە پۇرسەتپەرەس مۇستەبىتلەرگە، ۋاقىت ئۆلتۈرىدىغان خاتا پىكىرلىك جاھىللارغا ئورۇن قالدۇرمىغان ئادالەت، تەرەققىيات تۇپرىقىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ تۇپرىقى باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، نىشاندىن باشقىدا يول قويۇشنى بىلىدىغان كۈرەش روھى ئىكەن. بيۇكراتلاردا كۈرەش روھى بولمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى جاھىل قىلىۋېتىدىكەن. خوشامەتچىلەر ۋە ئەرزىمەس ھوقۇق مەستخۇشلىقى پەيدا قىلغان بىلەرمەنلىك ئۇلارغا قانائەت ئاتا قىلىدىكەن. مەنچە بۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە ئۇلارنىڭ جاھىللىقىنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ كۈنسېرى ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايلا قالماستىن، بۇ جەرياندا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇلارغا بىلدۈرۈش خەلقنىڭ مەجبۇرىيىتى. خەلقنىڭ داۋاملىق يېڭى ئادەم ۋە يېڭى ئۇسۇللارنى سىناش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا دۈشمەن تەبىئىي ھالدا بىزنىڭ تۈگمەن چۈگىلەشلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يەپ تۈگىتىدۇ! مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا خەلقنى قوزغىتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، دىموكراتىيەنى چەتكە قېقىش، خەلقنى مەنسىتمەسلىك ، تەربىيەلىمەسلىك پەقەت خىتاينىڭ بىزنى قالاق ۋە چېچىلاڭغۇ تاشلاپ قويۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇنى چۈشەنمەسلىك ئۈچۈن مۇناپىق بولۇشى كېرەك.
كۈرىشىمىز ئەڭ ئاۋال روھنىڭ ، چۈشەنچىنىڭ كۈرىشى بولۇشى، ۋە ئاخىرىدا جىسمانى كۈرەشكە ئايلىنىشى كېرەك بولغانلىقتىن، بىز ھازىردىن باشلاپ بارلىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى بەختسىز قىلغان بيۇكراتلىققا سۈكۈت قىلىشنىڭ تۇپرىقىنى يېڭىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى كۈرەشنىڭ شەكلى، كۈرەشنىڭ مەقسىدىدىنمۇ بەكرەك نىشانغا ئېلىپ بارىدۇ. دۇنيانىڭ سىياسىي تارىخ فورمۇلاسىدا رىقابەت ۋە مۇھەببەتنىڭ غەلىبىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بيۇكراتلىق ۋە جاھللىقنىڭ پەقەت مەغلۇبىيەتكىلا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكرار كۆرۈۋاتىمىز. يەنىمۇ ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ تۇرىۋاتقىنى، بارلىق مەغلۇپ بولغان مىللەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان خانۇ-ۋەيرانلىقى ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە ئاشۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان نۇقتا - پەرۋاسىزلىق تۇرىدۇ. پەقەت كۆپ سانلىق خەلق قاتناشقان ئىنقىلابلا بىۋاسىتە مەڭگۈلۈك ئىنقىلابقا ئايلىنالايدىغانلىقتىن، ناۋادا خەلق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياخشى قىلالايدىغانلار قىلسۇن دەپ قارايدىغان بىر كەسپكە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، پەرۋاسىز ھالدا قۇرتلارغا ئوخشاش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرسا، بىر تېمىم سۇ يامغۇر بولاتتىمۇ ؟
مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلغان بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بىزمۇ مۇستەقىللىقىمىزنىڭ قانۇنى ئاساسىي بولغان خەلقنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھوقۇققا ئېرىشىش قىزغىنلىقى ھەر ئاماللار بىلەن قوزغىتىلىشقا، سىياسىي مائارىپ ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشنى ھاياتلىق غايىسى قىلغان تەشەببۇسچىلار بارلىققا كەلتۈرۈلگەن سىياسىي ھاۋاغا مۇھتاج. مۇستەقىللىقنى ئەڭ تۈپ مەقسەد قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسى بىلىملەرنى، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى، پىداكار ۋە ئادالەتلىك بىر دىموكراتىك ئىچكى قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىش، بىز ئىچكى قىسمىمىزدا ئەڭ ئاۋال ۋە جىددى تاماملىنىشى كېرەك بولغان ئىنقىلاب باسقۇچى ھىسابلىنىدۇ. پەقەت مۇشۇ باسقۇچ تاماملانغاندىلا ئاندىن بىز مەڭگۈلۈك ئىنقىلاب روھىغا ئىگە، مۇستەقللىق ئۈچۈن كېرەكلىك كۈرەش ئەنئەنىسىگە سىياسىي بوشلۇق يارىتالايمىز. مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەسلا چۈش ئەمەس. ئۇنى رىياللىقتىن ئايرىلغان شەكىلۋازلىققا بەنت قىلىپ، تارىخى ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمىغىنىغا ئوخشاش، پىلانسىز، مائارىپسىز، خەلقسىز ،پروگراممىسىز غودراش ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. خەلقنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇستەقىللىقنى، ۋاز كېچىلمەس نومۇس قورغىنى ھىسابلايدىغان روھقا ئىگە بولۇشى، ۋە بۇ يولدا يېتەرلىك جاسارەتكە كېلىشى، ھىچ بولمىغاندا مىللەتنىڭ ئار نومۇسلۇق سىياسىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ ھايات ماماتلىق تەقدىرىگە، بۈيۈك مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى تاماملاش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئىچكى ئېنىرگىيەگە يول ئاچىدۇ.
ئەپسۇس، بىزنىڭ مۇشۇنچىۋالا مۇقەددەس ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملىغۇدەك ۋاقتىمىز بارمۇ؟ قانچىلىك جىددى بولۇشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، روھىيىتىمىزدىكى، ئاكتىپلىقىمىزدىكى، ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ۋە تەدبىقلاشتىكى، جەمىيەت قۇرۇلۇلمىمىزدىكى بۇ توسالغۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان باشقا پىلان يوق. ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ بولغان ئۇسسۇلى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. خىتاي دۆلىتى يۈزلىنىۋاتقان توسۇۋالغىلى بولمايدىغان سىياسىي ھالاكەت ۋە خەلقىمىز چوقۇم ئېھتىياجلىق بولىدىغان سىياسىي ئويغىنىشنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلاشقاندا، بىزنىڭ ئىستراتېگىيىمىز ئەلۋەتتە ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي مائارىپ ۋە ئويغىنىش باسقۇچىنى، ھەتتا ھەر بىر ئېھتىماللىق ئاستىدىكى تېخىمۇ جەڭگىۋار ۋە ھايات ماماتلىق پۇرسەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.
روبېرت فولتون ئېيتقانغا ئوخشاش ئۈمىدسىزلەرنى قانائەتلەندۈرۈش مۈمكىن بولمايدۇ. (روبېرت فولتون تۇنجى پاراخوتنى ھودزون دەرياسىدا سىنىغاندا كىشىلەر دەسلەپتە پاراخوتنڭ قوزغىلالمايدىغانلىقىغا دو تىككەن، قوزغالغاندىن كېيىن بولسا توختىيالمايدىغانلىقى دو تىككەن. ۋە توختىغاندا بولسا، پاراخوتنىڭ ماتورى ھەممە ئادەم بىلىدىغان شۇنچىلىك ئاددى پويىزنىڭ ماتورى شۇغۇ، ھەيران قالغۇدەك نىمىسى بار دىيىشكەن ئىكەن). ئارستوتېل، «روھنىڭ ئەكسىچە، ئەقىلنىڭ ئورنى ساتقىنلىققا يېقىن بولىدۇ» دىگەن ئىكەن. ئىنسان گاڭگىراش ۋە سۇنىڭ ئېقىشىغا ياشايدىغان خاراكتىر بىلەن ھىچقانداق يېڭىلىق يارىتىلمايدىغانلىقىنى ھەر دائىم ھىس قىلىپ تۇرۇش كېرەك. بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ دائىملىق، كۈچلۈك ھالدا مىللىي بىرلىككە تەقەززا ھالىتىدە تورۇشىنىڭ، ھەرقاندا ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان پۇرسەتنى بەرپا قىلىشقا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوقۇم ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئەستە ساقلىشى ھەمدە ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەۋەككۈل قىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
خىتايغا قارشى قۇتۇلۇش ئىنقىلابدىن ئورۇن ئېلىش ئار نومۇسنىڭ چېگرىسى بولۇپ قالغان مىنۇتلاردا، بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ھەركەت ئۆلچىمى، قورقۇنچاقلىق، يالغانچىلىق ۋە خۇشامەتچىلىك يامراۋاتقان، قانچە داۋاملاشسىمۇ ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان بىر جەمىيەتتىكى بىيۇكرات قۇرۇلمىغا ماس كەلمەيدۇ. ئۇ ياكى ئىنقىلابقا قاتنىشىشى ياكى قاتناشماسلىق ئارقىلىق ئەشۇلارنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشى كېرەك.
شۇنداق ئىكەن، بىز ئالدى بىلەن لۇغىتىمىزدىن بىيۇكرات پوزىتسىيەسى بىلەن مىللەتنى سىياسىي كۈرەشتىن بىزار قىلغان، ئۆزى ئۈنۈملۈك ھەركەت قىلالمايلا قالماستىن، خەلقنىمۇ ھەركەتسىزلىككە ئادەتلەندۈرگەن، ئەمما ئۆزىنىڭ «كاتتا» نەتىجىلىرى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ھېيىقىپ قالمايدىغان تۇغماس توخۇلارنى تاشلىۋېتىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟ بىچارە مىللەتنى ئۆز ئورنىدا چۈگىلەپ، كۈنسېرى تېخىمۇ چېچىلاڭغۇ ۋە تېخىمۇ ئاجىز قىلىۋېتىدىغان، يۈزى قېلىنلارغا ئوڭچە قالغان «مۇستەبىت تۈزۈم»نى ئارقىدا قالدۇرالايدىغان پوزىتسىيەنى تارقىتىشىمىز ، كەڭ كۆلەملىك قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزىشىمىز، كەلگۈسى قوشۇنىمىزنىڭ مەنىۋى تەربىيەلىنىش باسقۇچىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟