خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

يازمىلار

ئىيۇل 17, 2020

پىلانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىققىلى بىر يىل بولدى

ئاپتورى: نەجمىدىن شىرىف

ئەرزىمەس خىتاي گوۋېنگۇينىڭ دۆلەت قۇرۇش ئويۇنىغا ئەستايدىل بايانات بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر مۇشۇ ئىش راست بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلىدىم!
ئەجىبا بىز يەنە مۇشۇنىڭدەك بايانات ئېلان قىلىپ «مۇستەقىل بولۇشىمىز كېرەك» لىكىنى بىلدۈرۈپلا قالارمىزمۇ؟
بىز دەۋاتقان پۇرسەت مۇشۇنداقلا يوق بولارمۇ؟
ئارزۇلىرىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىز تۆلىگەن قۇربانلىقلارنىڭ قىممىتى قېنى؟

تەشكىللىنىشكە بۇ قەدەر سوغۇق مۇئامىلە تۇتۇشنىڭ ئارقىسىدا بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنىنىڭ، قانچىلىك ئېغىر ئاقىبەت ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، يۈرىكىم تولغۇنۇپ كەتتى!

پىلانلىرىمىزنى كۆتىرىپ ئوتتۇرىغا چىققىلى بىر يىل بولدى!
مۇستەقىللىقنىڭ مىللەت ھاياتىدىكى يېڭىدىن تۇغۇلۇش ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، دۈشمەن پۈتۈن دۇنيانى ئالقىنىغا ئالغان، ئۈمىد ۋە غەلىبە ئېھتىمالى نۆل بولغان تەقدىردىمۇ، قىساس ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بار بولۇشىنىڭ، شۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرى-ئار نومۇسى ئىكەنلىكىنى، بۇ قوشۇندىن ئورۇن ئېلىشنىڭ پەقەتلا شان شەرەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىمىز!
ئۆزىنىڭ قىلىشقا غەيرىتى ئۈمىدى بولمىسىمۇ ئۇلاردىن پەخىرلىنىش، ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللى بىر ۋىجدانى بۇرچ ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى كىنايە قىلىدىغان مەخلۇقلارغا لەنەت ئوقۇشنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى.

پىلانلىرىمىزنى كۆتىرىپ ئوتتۇرىغا چىققىلى بىر يىل بولدى!

خەلقىمىز قاراپ بېقىۋاتىدۇ!
بىز ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەۋاتقان نىشاننىڭ بۈيۈكلىكىدىن، ئەسلىدە ھىچ بولمىسا خەلقىمىز بىر ئاڭلاپ بېقىشى، زىيالىلىرىمىز پىلاننىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆرسىتىشى، ھەممەيلەن بىرلىكتە ھايات ماماتلىق پەيتىدىكى بۇ پۇرسەتكە قانداق تەييارلىق قىلىش ھەققىدە ھەممىدىن ۋاز كېچىپ تۇرۇپ بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىشىمىز،
ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىمىز،
ئۆزئارا قىزىق لىنىيە ئورنىتىشىمىز،
چوقۇم بىر تەشكىلاتقا تەۋە بولۇشىمىز،
ئەس يادىمىزنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن مىللەتنىڭ ئەبەدى
مەۋجۇتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قارىتىشىمىز،
بىر بىرىمىزنى تولۇقلىشىمىز،
ئىنتايىن جىددى ھەركەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك ئىدى!
يۈز قېتىم، مىڭ قېتىملاپ سىناپ بېقىشىمىز كېرەك ئىدى!!!
مۇستەقىللىقنىڭ مىسلىسىز مۇقەددەسلىكى ۋە ئىنسانىي قىممىتىمىز ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن،
قانداقلا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ،
قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك،
ئارقىمۇ ئارقا، قانچە قېتىملاپ ئۇرۇنساق ئەرزىيتتى!

ئەمما دۇچ كەلگىنىمىز ، مۇشۇنچىۋالا ھايات ماماتلىق پەيتىدىمۇ كۆپىنچىسى خۇددى نورمال ۋەتىنى بار ئىنسانلاردەك بىر پاتمان ئۇششاق باھانە سەۋەبلەر بىلەن، قوسىقىنى تويغۇزۇشتىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز بولدى...

ئەسلىدە پۈتۈن دۇنيادا بىزدىن باشقا ھەممە مىللەتنىڭ سىياسىي كۈرىشىنىڭ سىياسىي پارتىيەلەر شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىمىزدىن بىزگە يەنە قايتا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەشنىڭ لازىمى بولماسلىقى كېرەك ئىدى...
ئىدىيە قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئىجادچانلىقى كۈچلۈك بولغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھەركىتى ئارقىسىدا، ئۇمۇمى خەلقنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىشى، بولۇپمۇ چەتئەلدىكى مۇساپىرچىلىق، نامراتلىق، ئاجىزلىق پەيتىدە پەقەت تەشكىللىنىش ئارقىلىقلا تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى!

پىلانلىرىمىزنى كۆتىرىپ ئوتتۇرىغا چىققىلى بىر يىل بولدى!

بۇ بىر يىلدا ۋەتەندە مىڭلىغان قېرىندىشىمىز نابۇت بولدى،
مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز يەنە يېڭىدىن تۈرمىلەرگە قامالدى،
يەنە مىڭلىغان خىتاي ۋەتىنىمىزگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن كەلدى، كېلىۋاتىدۇ...
تېخىمۇ نومۇس قىلارلىقى يەنە مىڭلىغان ئاپىسى ئۇيغۇر، ئاتىسى خىتاي بولغان شالغۇت بىر نەسىل دۇنياغا كەلدى... كېلىۋاتىدۇ...

كۆپ سانلىق خەلق تەشكىللەنگەن سىياسىي ھاۋا، قۇرۇلمىسى سېستىمىلىق بولغان سىياسىي پارتىيەلەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىنلا بىرلىكسەپ ھەققىدە، مۇستەقىللىق كۈرىشى ھەققدە ئېغىز ئاچقىلى بولىدىغانلىقى ئەقلىمىزگە ئايان بولسىمۇ، مۇستەقىللىق ئېھرامىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بىرىنچى پارچە خىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە شۇ قەدەر بىپەرۋالىق، «دانالىق»، پاسسىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز!

ئەگەر بىر مىللەتنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى، ئەسىردە بىر كېلىشىمۇ قىيىن بولغان بۇقەدەر قىممەتلىك بىر پۇرسەتكە قارىتا ئاكتىپلىق، پىداكارلىق كۆرسىتەلمىسە، بۇ مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۈمكىمۇ؟