خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

يازمىلار

ئىيۇل 17, 2020

ئۈمىد كىچىك بولسىمۇ كۆرۈنمەكتە

ئاپتورى: نەجمىدىن شىرىف

باشقا ئىنقىلابلارغا ئوخشاش سىياسىي پارتىيەنىڭمۇ ئاۋانگارت ئەترىتى ئاددى پۇقرالار ئىكەنلىكى قايتا قايتا ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، رىياللىقنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنىڭ ھەركەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىرادىگە ئايلىنالماسلىقى تۈپەيلىدىن، بۈگۈنكىدەك تېخنىكا دەۋرىدىمۇ كۆپ سانلىق خەلقىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئەڭ قانۇنلۇق پۇقرا ئىكەنلىكىدەك ئار‍تۇقچىلىقىنى ۋە سىياسىي پارتىيەگە ئۇيۇشۇشتەك ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرالمىدى.
ئاددى پۇقرالار زۇلۇمغا ئەڭ بىۋاستە ئۇچرايدىغان ۋە رىياللىقا قارشىلىقى ئەڭ كۈچلۈك، نوپۇسى كۆپ قاتلام بولغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە جاسارىتى بىلەن بىزنىڭ كۈچ سۈپىتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر قوشۇنىنى بارلىقا كەلتۈرىدىغان ئوبېكتىمىز بولۇپ قالدى.
كېيىنكى قەدەمدە، تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىگەللىگەن دۆلەتچىلىك ئىددىيىسىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇستەقىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىدىيە تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى دۆلەتچىلىك يولىغا يېتەكلىشى جەريانىدا، تەربىيەلەش ۋە تەشكىللەش تالانتى بار بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تاۋلىنىپ چىقىدۇ.
مۇستەقىللىقنى مەركەز قىلغان بىرلىك سەپ، دېموكراتىيە ئىدىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش، ئاممىۋى ئاساس ۋە سىياسىي كۈچ تۇرغۇزۇش ۋەزىپىلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە يىراقنى كۆرۈشى، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە بولۇشى، قەتئىي بولۇشى، پىداكارلىق بىلەن خەلققە تايىنىدىغان ئىدىيەنى داۋاملاشتۇرالىشى- بىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىمىزنى ياكى بىزنىڭ ئىمكانىيەت ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان توپلۇمغا ئايلىنىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ .

ئۈچىنچى قەدەمدە، بېكىتىلگەن سىياسىي نىشاننى يوقىتىپ قويماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا، مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى قوللايدىغانلارنى داۋاملىق تەشكىللەش، بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە قوزغىتىش، سەپداشلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇستەھكەملەش ئارقىلىق پارتىيە قوشۇنىنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزامىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ باسقۇچتا بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى شاللىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما تەربىيەلىنىش ۋە ئىنتىزام پارتىيەنىڭ جېنى. بىز پارتىيەنىڭ ئىدىيە تارقىتىش ۋە ئىنتىزام ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى ئۈچۈن سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا، ئۇنىۋېرسال سىياسىي ساپارىمىزنى ئۆزلۈكسىز كۆتىرىشكە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

خەلققە پارتىيەنىڭ زۆرۈرلىكىنى، كۈرەش ئۈچۈن ۋە ياكى كەلگۈسى دۆلىتىمىز ئۈچۈن بولسۇن ھەرقانداق بىرلىكسەپ ۋە سىياسىي كۈچ قۇرۇش ئۈچۈن پارتىيە بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

دەۋرگە، دۇنيانىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا ئۇيغۇن بولغان جۇمھۇرىيەتچىلىك ، دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىگە كەلمىسەك دۇنيا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ھەممە ئىدىيەنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر دىموكراتىك سۇپىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان، سەبىرچانلىق بىلەن ئىددىيە تارقىتىدىغان، سىياسىي چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغان ئاكتىپ بىر روھنى، بىجاندىل، جانلىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىقلا كەلگۈسى پۇرسەت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرەلەيدىغان سىياسىي كۈچكە ئايلىنالايدۇ.

نۆۋەتتە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كۆلەم جەھەتتە ئۆزلۈكسىز كېڭىيىش، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسسۇلىدا مۇستەھكەملىنىش باسقۇچىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتتى. مۇستەقىللىق ئىددىيسەسىنى ئىرادىگە ئايلاندۇرغان، جانلىق ئاممىباپ تەشۋىقات ئارقىلىق نەتىجە قازانغان بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، ئاللىبۇرۇن داۋاملىق كېڭىيىدىغان سىياسىي پارتىيە مىخانىزىمىنى- بىزنىڭ مۇنتىزىم ئىنقىلابچىلار قوشۇنىمىزنىڭ ئۇلىنى بەرپا قىلدى.

بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە يېڭىچە بىر يول بەرپا قىلالايدىغانلىقىمىز ، ئەسىرلەپ داۋاملاشقان مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر ئاممىۋىي كۈچكە ئايلىنالايدىغانلىقىمىز كۆزگە كۆرۈنمەكتە.
بىز - ئۆزىمىزنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە ئىپتىخارىنى قەدىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمۇرىيەتچىلىك ئىددىيىسىگە ئورتاق بولغان، تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۈملىدىن ۋەتىنىمىزدە رىياللىقققا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى ئۈچۈن‍ كۈرەش قىلىمىز .

بىز پارتىيەمىزنىڭ ئۇلى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ئىدىيەلەرنى ئاكتىپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىغا، شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە سىتراتىگىيە ۋە مىللىي مەنپەئەتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.
----
كىشىلەرنىڭ سىياسىي مەيدانىنى، قىلىۋاتقان سۆزىگە ئەمەس ، قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن ئىشلىرىغىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىش قىلىش شەكلىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ ھىچقاچان ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.
بىر سىياسىي نىشان ئۈچۈن بىرلىك -ئىتتىپاقلىقنى، پۈتۈن خەلقنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىشىنى، سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق ھەركەت قىلىشنى تەسەببۇش قىلىۋاتقانلار ھىچقاچان خاتالاشقان ئەمەس.

ھەرقانداق سىياسىي كۈرەش ئەڭ ئاۋال يەككە شەخسلەر مۇلاھىزە قىلىدىغان ئىدىيە ھالىتىدە باشلىنىدۇ، ئەمما ئۇ خەلقنىڭ ئىدىيىسىگە ئايلىنىش ئۈچۈن ھەركەت قىلمىسا، ئىنتايىن كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالمىسا پەقەت نەزەرىيە ھالىتىدىلا قالىدۇ. بىر دۆلەتنى مۇستەقىل قىلىشتەك بىر بۈيۈك شەرەپلىك ۋەزىپىگە ئۆزىمىزنى ئاتىغانكەنمىز پۈتۈن پۇرسەتلىرىمىزنى، پەقەت بىزنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىمىز، نىشان- غايىمىز ئۈچۈنلا خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز، ھەر بىر سورۇننى بىزنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىمىزنى تارقىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مۇستەقىللىقنى مەركەز قىلغان سىتراتىگىيە مۇساپىسىگە ئاساسەن سىياسىي پىروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بۇ پروگراممىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېتەكچى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بىزنىڭ بىر مۇنتىزىم ۋەتەنپەرۋەرلەر قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىرىنچى قەدىمىمىز.
ھەر قانداق شەرقىي تۈركىستانلىق ، چەتئەلگە چىققان ۋاقتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، جىنسى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالايدۇ.
بىز خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ تېز ھەركەتكە كېلىشىنى، تەشكىللىنىشكە، بىرلىشىشكە، تەربىيەلىنىشكە، سىتراتىگىيەلىك مەنپەئەتىمىزنى توغرا ئىپادىلەشكە سەل قارىماسلىققا، قايتا- قايتا چاقىرىق قىلىمىز.
بىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە مىللىتىمىزنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بىز بىر بولسا دۆلەت قۇرۇپ ئەبەدى ھاياتقا ئېرىشىدىغان، بىر بولسا خىتاينىڭ قولىدا يەر يۈزىدىن ئەبەدى يوقىلىدىغان ھەل قىلغۇچ دەۋردە تۇرىۋاتىمىز .
ئۈمىد كىچىك بولسىمۇ كۆرۈنمەكتە...
كېلىڭلار قېرىنداشلار، ھەل قىلغۇچ جەڭ ئاللىبۇرۇن باشلاندى !