خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

يازمىلار

ماي 29, 2020

مۇستەقىللىقىمىز قاچان كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ؟

نەجمىدىن شىرىف

ئامېرىكا پارلامېنتىدا تىبەتنىڭ خىتاي بېسىۋالغان مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ جىددىلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى.

ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى بىزگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە رايون ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىكىگە، دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەت يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن زور دۇنياۋى مەسىلە.
ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى ھازىر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىردى. يەنە بۇ نۇقتىدىن ۋەتىنىمىز ، مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئاچقۇچلۇق پۇرسەت باسقۇچىغا كىردى، بىز يەنىلا نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم سىتراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. دۆلەت قۇرۇش غايىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئاجىز بولغان تەشكىلاتلىرىمىز جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. سىتراتېگىيەلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىش، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىش، كۆز ئالدىمىزدىكى خېيىم - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇستەقىللىق كۈرىشىدە داۋاملىق جىددى ۋە يېڭى مەنزىل ئېچىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ۋەتىنىمىزنىڭ سىتراتىگىيەلىك ئورنى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بىر رىقابەتكە كىرىشى بىز ئۈچۈن پۇرسەت، بىزنىڭ مۇستەقىل بولۇشىمىزمۇ، دۇنيانىڭ قىممەت قارىشى ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت.
خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش - ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى. خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇشتا پارچىلاشنىڭ، پارچىلاشتا- بايلىق ۋە سىتراتىگىيەلىك سىياسىي جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن، تىبەتكە قارىغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ھىچبىر ئەقىل رەت قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئامېرىكا پارلامېنتىدا بىزنىڭ ۋەتىنىمىز خىتاي بېسىۋالغان دۆلەت دەپ تەكلىپ سۇنۇلمايدۇ؟
11 بېتىم قالدۇرغان ئەجەللىك تارىخى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ۋە بېسىۋېلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە بولغان تەييارلىقى ۋە سىياسىي تەشكىللىنىش سۈپىتى بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق سەۋەب دىسەك خاتالاشمايمىز.
بىر مىللەت ئۈچۈن، كۈچلۈك ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئادالەتلىك سىياسىي قۇرۇلما، مەيلى دۆلەت قۇرۇشتىن بۇرۇن ياكى دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن بولسۇن كەم بولسا بولمايدۇ. ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلسا، پەيدا بولىدىغان بوشلۇققا لايىق بىر قۇرۇلمىمىز، بېرىلگەن پۇرسەتنى تىبەتلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدارە قىلىپ يۈرۈشتۈرەلەيدىغان بىر سېستىمىمىز بارمۇ؟

دۆلەت قۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تەشكىلى قوشۇنىمىز بارمۇ؟ ياكى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا گېرمانىيە ۋەكىلى ئېيتقاندەك «كوسوۋولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن بىر دۆلەتنى يۈرۈشتۈرەلەيدىغان سىياسىي ساپاغا ئىگە تۈركۈم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى» دىگەن باھاغا ئېرىشەلەيمىزمۇ؟
تىبەت ھۆكۈمىتى، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەپسىلى دوكلاتمۇ بەردۇق، بىزنىڭ تىبەتلەردەك بىر مەركىزى ۋەكىللىك ئورگىنى قۇرۇشىمىزنىڭ ئىنتايىن جىددى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.
بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز دۆلەت قۇرۇشقا تەييار بولغان بىر سېستىما بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشتىمۇ ؟
ئەپسۇسكى ياق!!!
تىبەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى 999 ھوجرىسى بار بۇدالا ئوردىسىغا ئوخشايدۇ. بىر ئىشىكتىن كىرىپ ھەممە ھوجرىغا كىرگىلى بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەر بىرى، ئۆينى ئايرىم-ئايرىم، چوڭ-كىچىك، كىرىش ئىشىكى يوق سالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.
بىزنىڭ كونا ۋە مەشھۇر تەشكىلاتلىرىمىزغا يېڭى ئادەم، يېڭى پىكىر قوبۇل قىلىنمىغىلى قانچە يىل بولدى؟
ئىشىكى يوق ئۆي پەقەتلا قەبرە بولغانلىقتىن، قورقۇنچلۇق قىلىپ ئېيتقاندا تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ يىغىندىسى بىر بىرىگە مۇناسىۋەتسىز قەبرىلەر توپىغا-قەبرىستانلىققا ئوخشاپ قالدى ... ھەتتا بۈگۈنگىچە كونىلىرى يىقىلسا يېڭىلىرى يەنە بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش سېلىنماقتا... ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ قەبرىنىڭ ئاقىۋىتى پەقەتلا خاراپ بولۇشتۇر!

ئەگەر تىبەت مۇستەقىل بولۇپ بىز مۇستەقىل بولالمىساق، بۇ ھىچقايسى سىياسىي گۇرۇپپىغا ئەزا بولمىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ، ۋە خەلقنى تەربىيەلىمەي، يېڭى كۈچ قوبۇل قىلماي، بىرلىشىشىكە ئۇنىماي، ئىچكى جېدەل تېرىپ يىللارنى ئىسراپ قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىنايىتىدۇر!

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يەنە تەكىتلەيدۇكى- ئىشىكىمىز ھەرقاچان يېڭى كۈچ يېڭى ئىنسانلارغا ئۇچۇق بولسۇن. نىزامنامىمىزدىن ئەسكەرتەيلى « بىز پارتىيە ئىچىدە، يېڭى ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىغا يول ئېچىپ، دىموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغاندىلا، ئاندىن بۇنى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ بارالايمىز ۋە خىتاينىڭ ساختا دىموكراتىيەسىگە قارشى كۈچ بولالايمىز. بىزنىڭ ئەركىــــن خەلقــــقە ئايلىنىــــشىمىزنى كاپالەتلەنــــدۈرۈدىغان ئەڭ بىرىنچى قەدەم بىزنىڭ ئىچكى قىسمىمىزدا دېمــــوكراتىيىنى ئەمىلىــــيەتكە ئايلاندۇرۇشىمىزدۇر.»
پارتىيە نىزامنامىسىدىكى ئاخىرقى ئابزاسنى قايتا ئەسكە ئالايلى: «ئۇزاق مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇق ۋە ھۆرلۈككە يېتەكلەيدىغان قارارنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشىدىغان، ھەر بىر پۇرسەت ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلالايدىغان، بەدەل تۆلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ھارماس بىر گۇرۇپپا بولمىغىنىدا، ھەرقانداق ئۇلۇغ غايىمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ».

بىزنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىكنى تاللىشىمىز، جۇمھۇرىيەتچىلىكنىڭ خىتاينى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرەلەيدىغان دۇنيادا مەشھۇر ۋە كۈچلۈك بىر سىياسىي ئېقىم ئىكەنلىكىدىن...
بىز جۇمھۇرىيەتچىلىكنى، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە دۇنياۋى سىتراتىگىيە ۋە بىزنىڭ ئەمەلى ئىمكانىيەت ئىچىدىكى مىللىي مەنپەئەتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە دەپ تاللىدۇق.
جۇمھۇرىيەتچىلىكنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىپ تاللىغانلىقتىن، خەلقارا بىلەن سىياسىي ئالاقە قۇرۇش نۇقتىسىدا بىز تاللىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن پىشقان تەجرىبىلەر بار.
مەسىلىنى تەھلىل قىلىش بىلەنلا قالماي ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز بولغانلىقتىن بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە يەنە قايتا چاقىرىق قىلىمىزكى :
بىزنىڭ ئىمكانىيىتىمىز ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىمىز تىبەتلەردەك بىر قۇرۇلما ھاسىل قىلىشقا تامامەن يار بېرىدۇ.
ئەمما ۋاقتىمىز ئىنتايىن قىس!
دۆلەت قۇرۇش پۇرسىتى- ئۇيغۇرنىڭ ئىنسانى مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى ھالىتىدە بىردىنبىر تاللىشىمىز بولۇپ قالغانلىقتىن، بىز ئەسلىدىكى بارلىق پىكىرلىرىمىزنى قايتىدىن قوزغىتىشىمىز، پىكىرلىرىمىزنى نۆلدىن باشلىشىمىز كېرەك. مەسىلە بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزدىن قايسى دەرىجىدە ۋاز كېچىپ، مىللەتنىڭ ئۇمۇمى مەنپەئەتىنى قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىزدا.
تېزدىن تەشكىللىنەيلى، تېزدىن تەربىيەلىنەيلى، تېزدىن سېستىمىلىشايلى!
ئشنى ھازىردىن، ئۆزىمىزدىن باشلايلى!
ئورنىنى تاپقان بىر نۆل يۈزنىڭ قىممىتىنى مىڭغا ئايلاندۇرالايدۇ...
دۇنيادا ئۇمۇملاشقان، دۇنيا قوبۇل قىلغان، سىياسىي كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغان، قانۇنى جەھەتتە سالاھىيەتلىك، بىردىنبىر ۋەكىللىك ئاپارات شەكلى - خەلق سەپەرۋەر قىلىنغان پارلامېنىتتۇر.
ھەر بىر ۋەتەنپەرۋەرلەر تەشكىللەنگەن، تەشكىلاتلىرىمىز سىياسىي قاراشلىرى بويىچە تەرتىپلىنىپ پارتىيەگە ئايلانغان، پارتىيەلەر ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا ئاساسەن پارلامېنتسىمان قۇرۇلمىدا ئورۇن ئالغان كۈنى- كۈچىمىز بىرلىككە كېلىدۇ.

ئەنە شۇ چاغدا مۇستەقىللىقىمىز كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ ...
ئەنە شۇ چاغدا ئىنسانلىقىمىز كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ ...