خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

غايىمىز

غايىمىز

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ سىياسى غايىسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى- ب د ت غا ئەزا بولغان باشقا كۆپ سانلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىنى، ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغان تېنچلىق سۆيەر بىر جۇمھۇرىيەت.

غايىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، تېررىتورىيە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسنى ئاساس قىلغان، بىر ئاساسىي قانۇنلۇق(فىدىراتىف ئەمەس)، پەن-مائارىپ ۋە ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆپ پارتىيەلىك قانۇنچىلىق دۆلىتى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، زىمىن پۈتۈنلىگىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دۆلەتچىلىكى تەشەببۇسى ئاستىدا، تار مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق، مەزھەبۋازلىقنى ئاساس قىلغان گۇرۇھ تەشكىلاتلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ…

غايىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، 2-جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىن ئىلگىرى ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاساس قىلغان قانداشلىق ۋەتەنداشلىقى سېستىمىسى(Jus sanguinis) تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ(يەنى ئەجدادلىرى 2-جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۆزى 2-جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان بولسىمۇ ئاتا ئانىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇغۇلغانلارنىڭ، 2-جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىن كېيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قانۇنسىز كۆچۈپ كىرگەنلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەتەنداشلىق ھوقۇقى ۋە ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ).

غايىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق ھوقۇقى-جۈملىدىن، دىنىي ئېتىقاد، خۇسۇسى مۈلۈك، ئولتۇراقلىشىش ۋە يۆتكىلىش، چېگرىدىن چىقىش-كىرىش ئەركىنلىكى ئەبەدىي ھۆرمەت قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى خەلقارا دىموكراتىك پارتىيەلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇشنى پارتىيەنىڭ سىياسى مەيدانىنىڭ بىرى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سۆز-مەتبۇئات ئەركىنلىكى، يىغىلىش، تەشكىللىنىش، ئىش تاشلاش، سىياسىي پارتىيەلەرگە ئۇيۇشۇش، ھۆكۈمەتنى ئەيپلەش، زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان شەكىلدە ئۆز قاراشلىرىنى تەرغىب قىلىش ھوقۇقلىرى ئەڭ مۇقەددەس ھوقۇقلار قاتارىدا قوغدىلىدۇ. ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بىرلا ئېتىقاد، بىرلا ئىدىيەدە بولماسلىقى زىددىيەتنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى بايلىق ۋە رەڭدارلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.

غايىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ھوقۇق تولۇق ئۈچكە ئايرىۋېتىلگەن پارلامېنتلىق تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت بولىدۇ. قانۇن خەلق تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن پارلامېنت تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىدۇ. ھۆكۈمەت باش مىنىستىر ئىچكى كابىنتى تەرىپىدىن ئۆكتىچىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ھالدا يۈرگۈزىلىدۇ. ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ. مەسىلىلەر مۇناسىۋەتكە ۋە كىشىلەرگە قاراپ ئەمەس، بەلكى قانۇن ۋە ئادالەتكە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان مەزگىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تالان-تاراج جىنايەتلىرى خەلقارا سوتنىڭ كۈنتەرتىپىگە تۇرغۇزۇلۇپ، بىرمۇ بىر قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا ئولتۇراقلاشقان قانۇنلۇق پۇقرالار، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا قانۇن ئالدىدا باراۋەر. ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر-ئاز سانلىقلار ئۆز قارىشىدا قېلىش بىلەن ۋە كۆپ سانلىقلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىپ، بارلىق ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاساستا تېنچ-ئىتىپاق بىللە ياشايدۇ.

دۇنيادىكى باشقا دىموكراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى ۋە مۇستەقىللىقى مۇتلەق ھۆرمەت قىلىنىدۇ. ب د ت ۋە باشقا خەلقارا ئورگانلارغا قاتنىشىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان باراۋەر مۇناسىۋەت دۇنيانىڭ ئۇمۇمىي سىياسىي قۇرۇلمىسى دائىرىسىدە كۈچەيتىلىدۇ. تەرەققى تاپقان ئەللەر بىلەن ئەڭ كۈچلۈك ۋە جىددى ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى، كومۇنىزىمغا، بىر پارتىيەلىك تۈزۈمگە، شەخسكە چوقۇنۇشقا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرىدۇ.