خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

بۇرچىمىز

بۇرچىمىز

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى جان- دىل بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدۇ، ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئاساسى پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسىي قىممەت قارىشى قىلغان، دېموكراتىك ئۆلچەملەر بويىچە تەشكىللەنگەن، ئۆز ئىچىدە زامانىۋى جۇمھۇرىيەت پارتىيەلىرىنىڭ تەجرىبىسى ۋە سىياسىي سۈپىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر پۈتۈن گەۋدە.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلغان دېموكراتىـك باشـقۇرۇش ئەنئەنىـسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

پارتىيە ئىچىدە، يېڭى ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىغا يول ئېچىپ، دىموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغاندىلا، ئاندىن بۇنى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ بارالايمىز ۋە خىتاينىڭ ساختا دىموكراتىيەسىگە قارشى كۈچ بولالايمىز. بىزنىڭ ئەركىــــن خەلقــــقە ئايلىنىــــشىمىزنى كاپالەتلەنــــدۈرۈدىغان ئەڭ بىرىنچى باسقۇچ بىزنىڭ ئىچكى قىسمىمىزدا دېمــــوكراتىيىنى ئەمىلىــــيەتكە ئايلاندۇرۇشىمىزدۇر.