خىتاينى جازا ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا ئىمزا قويايلى

ئەقىدىمىز

ئەقىدىمىز

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ھەر قاچان ئېسىدە تۇتۇش بىلەن بىللە، ۋەتەنداشلىرىمىزغا، قەرەللىك ھالدا، پاكلىق، پىداكارلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىدۇ.

نۆۋەتتىكى بىرىنچى قەدەمدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىياسەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيەگە ئەزا بولۇشقا، ھىمايە قىلىشقا، پىكىر تەكلىپ بېرىپ ئىنقىلاب سەۋىيىمىزنى ئاشۇرۇشقا، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى بىر كىشىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان قېرىنداشلارنىڭمۇ كۆز قارىشىدا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدا پەرقلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. باشقا بارلىق دىموكراتىك ئەللەرگە ئوخشاشلا پارتىيە ئەزالىرىنى بىر-بىرىنىڭ ئېتىقادىغا، ئىدىيەسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ۋەتەن ئازادلىقىنى نىشان قىلغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. ئەزالارنىڭ سىياسى ئاكتىپلىقى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمى، ئەستايىدىل، كەڭ قوساق ۋە مۇھەببەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ۋەتەن مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك غايىمىز ئۈچۈن بارلىق زىددىيەتلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، غەزەپ نەپرىتىمىزنى پەقەت ۋە پەقەت خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ. تەشكىللىنىش ئارقىلىق بىرلىككە، بىرلىك ئارقىلىق كۈچ ھاسىل قىلىپ ۋەتەننى ئازاد قىلىش غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن قەدەم باسىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى مۇستەقىللىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قەدەم باسقۇچلارنى پىلانلىق، تەرتىپلىك، ئىزچىل ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىياسى گەۋدىگە ئۇيۇشۇش، سىياسى ئىدىيە ۋە پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ماددى- مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەشكە، سىياسى بىرلىك بىلەن شەخسى مەسىلىنى ئايرىپ قارايدىغان ساغلام سىياسىي ساپا يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ

جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى -ئۆزىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، تۈر ئىلتىماسى، مۇكاپات جازا سېستىمىسى قاتارلىقلارنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قىممەت قارىشى ئورتاق بولغان ئۆكتىچى پىكىرلەرگە ئورۇن بېرىدۇ، ئىچكى قىسىمدا دىموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، پارتىيەنى ئورتاق غايە-نىشان ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتنى ئەمەس، ساپانى، پىداكارلىقنى ئاساس قىلىپ يادرولۇق قوشۇن تەشكىللەيدۇ. ھەر قاچان ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قارار قىلىشنى ئۇمۇملاشتۇرىدۇ. ئوخشىمىغان قاراشتىكى شەرقىي تۈركىستان پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، بىرلىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.

كېڭىشىش ئاساسىدىكى قارار چىقىرىپ، ئاممىۋى ئاساسنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا قاتنىشىش، تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول ئېچىپ، قېرىنداشلىق ئىنتىزام تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ. باراۋەرلىك، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدا ۋەتەنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى، كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى، ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى دەپ قارايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى ۋەتەن ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىشنى، ئاكتىپلىقنى، تەرتىپنى، ئۆزئارا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پىلان بولۇش، دوكلات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بوشاڭلىق، شۆھرەتپەرەستلىك، بيۇكراتلىق، شەخسىيەتچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، شەكىلۋازلىق، مۇستەبىتلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ئاممىۋى ئاڭ ۋە تەشكىلى سېستىما تۇرغۇزىدۇ.